دۇنياۋى پۇتبول چولپىنىنى بالىلاردەك يىغلاتقان تۈركىيە فىلىمى
نەيمار دا سىلۋا سانتوس جونىيور «7 - كامىردىكى مۆجىزە» ناملىق تۈركىيە فىلىمىنى كۆرۈپ بالىلاردەك يىغلىغانلىقىنى ھەمبەھىرلەشتى.
1398461
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە پۇتبول چولپىنى نەيمار ئۆزىنىڭ «7 - كامىردىكى مۆجىزە» فىلىمىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە كىچىك بالىدەك يىغلىغانلىقىنى يازدى.
نەيمار ئىنستاگرام ھېساباتىدا «7 - كامىردىكى مۆجىزە» فىلىمىنىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ: «بالىسى بارلار مېنىڭ ھازىر ئويلىغانلىرىمنى چۈشىنەلەيدۇ، نېمانداق قالتىس بىر فىلىم؟ مەن كىچىك بالىلاردەك يىغلىدىم» دېگەنلەرنى يازدى.
«7 - كامىردىكى مۆجىزە» مەھمەت ئادا ئۆزتەكىن رىژېسسورلۇق قىلغان ۋە ئاراس بولۇت ئىينەملى باش رول ئالغان تۈركىيە فىلىمى بولۇپ، جەمئىي 5 مىلون 300 مىڭ كىشى تەرىپىدىن كۆرۈلۈپ، تۈركىيەدە 2019 – يىلىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىمى بولغان ئىدى.