ئاتاقلىق تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە بولغان سەزگۈرلىكى يۇقىرى باھاغا ئىرىشتى

تەنتەربىيە دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە ياردەم قىلماقتا.

1384655
ئاتاقلىق تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە بولغان سەزگۈرلىكى يۇقىرى باھاغا ئىرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى گۇاردىئولا ۋە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ چولپىنى مېسسى ئىسپانىيەدىكى ۋۇرۇسقا قارشى خىزمەتلەر ئۈچۈن ھەر بىرى 1 مىليون ياۋرودىن ئىئانە قىلدى.

1 مىليون ياۋرو ئىئانە قىلغان يەنە بىر داڭلىق تەنتەربىيەچى بايېرن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ پولشالىق توپچىسى روبېرت لېۋاندوۋىسكى بولغان ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا توتتېنھام كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى جوسې مورىنىھو ۋىرۇس سەۋەبىدىن لوندوندا كوچىلارغا چىقالمىغان ياشانغانلار ئۈچۈن سودا – سېتىق قىلىپ بەردى. جوسې مورىنىھونىڭ بۇ ھەرىكىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى .

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر