ئىسپانىيە پۇتبول چولپىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى «La Liga» كوماندىلىرىدىن بىرسى بولغان ۋالېنسىيە كوماندىسىنىڭ پۇتبول چولپىنى ئېزېكۇئېل گاراي، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

1378466
ئىسپانىيە پۇتبول چولپىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنالىق 33 ياشلىق پۇتبول چولپىنى ئېزېكۇئېل گاراي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «2020 - يىلى ناچار باشلاندى. تاجىسىمان ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدە يۇقۇملانغانلىقىم ئوتتۇرىغا چىقتى. لېكىن ئۆزۈمنى ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن. سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن ۋە مەن كارانتىنادا تۇرۇۋاتىمەن» دېدى.

ئېزېكۇئېل گاراي ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى «La Liga» دا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى پۇتبول چولپىنى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر