ئىران بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئىراندا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 سەۋەبىدىن 2020-يىلى 20-ئاپرېلغىچە بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
1376663
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 سەۋەبىدىن 2020-يىلى 20-ئاپرېلغىچە بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئىران تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىران ۋۇخەن ۋىرۇسى كومىتېتى بىلەن تەنتەربىيە ۋە ياشلىق مىنىستىرلىقى ئورتاق قارار ماقۇللاپ، 1-بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى توختاتقان.
2020-يىلى 19-فېۋرال ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقىلىپ ھازىرغىچە 354 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 9 مىڭغا يەتتى.