NBA نىڭ ھاياجانغا تولغان ئىككى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىلىرى تاماشىبىنلارنى سۆيۈندۈردى.

1372696
NBA نىڭ ھاياجانغا تولغان ئىككى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داللاس ماۋېرىكىس (Dallas Mavericks) كوماندىسى ياۋروپالىق ماھىرلىرى بىلەن نىيۇ ئورلېنس پېلىكانس (New Orleans Pelicans) كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

مىيامى خىتدې (Miami Heat de) كوماندىسى ئورلاندو مەجىك (Orlando Magic) كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.

داللاس ماۋېرىكىس-نىيۇ ئورلېنس پېلىكانىس مۇسابىقىسى باشتىن ئاخىرىغىچە بىر-بىرىنىڭ گارىغا توپ كىرگۈزۈش بىلەن داۋاملاشتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا يەتتە سېكۇنت قالغاندا داللاس ماۋېرىكىس كوماندىسى ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، بىراق دەل بۇ پەيتتە مەيدانغا چۈشكەن قارشى تەرەپنىڭ فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى نىكولو مېللى (Nicolo Melli) گارغا ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى ۋە مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتتى.

ئاخىرىدا، داللاس ماۋېرىكىس كوماندىسى 123 نومۇرغا قارشى 127 نومۇر بىلەن نىيۇ ئورلېنس پېلىكانس كوماندىسىنى يەڭدى.   

  مىيامى خىتدې كوماندىسى ئورلاندو مەجىك كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرى بىلەن قاتتىق رىقابەتلەشتى.

مىيامى خىتدې كوماندىسى 113 كە قارشى 116 نومۇر بىلەن ئورلاندو مەجىك كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر