ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيە ساياھىتىدە دۇنيانىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ تۈركىيەنى دۇنيانىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1355682
ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيە ساياھىتىدە دۇنيانىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى «بۇيرھان پەلەك ئاتلېتىكا يۈگۈرۈش يولى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنى ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇۋاتىمىز، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدا دۆلىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان تالانتلىق تەنتەربىيەچىلەرگە ئىشىنىمىز. جۈملىدىن بۇ يىلقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدا تەنتەربىيەچىلىرىمىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز ناھايىتى زور. يېقىندا ئەڭ قابىلىيەتلىك ۋاسكېتبولچى شەين لاركىن ئا مىللىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنى تاللىدى. ۋاسكېتبول تەنتەربىيەسىنىڭ مۇھىم ماھىرلىرىدىن بىرى بولغان شەين لاركىن بۇنىڭدىن كېيىن ئاي يۇلتۇزلۇق فورما كىيگەن ھالدا مۇسابىقىلەرگە چۈشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر