«ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە»

دۇنيا ئېتنوسپور كونفېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى بىلال ئەردوغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ  مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1326257
«ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلال ئەردوغان كونفېدېراتسىيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇ ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىۋاتىمىز، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ماراكەش، قاتار، جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ئەنئەنىۋى ئېتنىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، بۇ دائىرىدە ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىۋاتىمىز. قىسقىسى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرىشكە باشلىدى. بىزمۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يەر شارى خاراكتېرلىك تور شەكىللەندۈرۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر