رۇسىيە قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى تەنتەربىيە ماھىرلىرىنىڭ قوزغىتىش دورىسى بەلگىلىمىسىگە قىلغان خىلاپلىقى ئايرىم-ئايرىم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1320766
رۇسىيە قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى پاۋېل كولوبكوۋ (Pavel Kolobkov) دۇنيا قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقى(WADA) نىڭ قوزغىتىش دورىسى (doping) بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، رۇسىيەنى تۆت يىل ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رۇسىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى پاۋېل كولوبكوۋ دۇنيا قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئاگېنتلىقنىڭ بارلىق تەنتەربىيەچىلىرىمىنى جاۋابكار تۇتۇش پوزىتسىيەسىگە قارشى تۇرىمىز. تەنتەربىيەچىلەرنىڭ قوزغىتىش دورىسى بەلگىلىمىسىگە قىلغان خىلاپلىقى ئايرىم-ئايرىم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئاگېنتلىقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، جاۋابلىرىمىز نەزەرگە ئېلىنمىدى» دېدى.

دۇنيا قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقى رۇسىيەنىڭ قوزغىتىش دورىسى بەلگىلىمىرىگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن تۆت يىل بويىچە ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىش قارارى چىقارغان ئىدى.

قارار بويىچە، رۇسىيە دۆلەت مارشى ۋە بايرىقى 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئولىمپىك يىغىنى بىلەن 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) لوڭقىسىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى بولسا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلىگەن ئەھۋالدا ئولىمپىك بايرىقى بىلەن «2020-توكيو» گە قاتنىشالايدۇ.

رۇسىيە دۇنيا قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقى قارارىنى 21 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلسا ياكى بۇن قارار ئۈستىدىن خەلقئارا تەنتەربىيە سوتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

رۇسىيە جازا قارارى چىققان بولسىمۇ، 2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتنىشالايدۇ.

رۇسىيە 2014-يىلى سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە دۆلەت تەرىپىدىن سىستېمىلىق قوزغىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن 2015-يىلى مۇسابىقىلەردىن مەنئى قىلىش جازاسى ئالغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە، 168 رۇسىيەلىك تەنھەرىكەتچى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر