تۈركىيە كوماندىسى ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئەتە (14-نويابىر) 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ H گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاللاش مۇسابىقىسىدە، ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
1305917
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ Hگۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاللاش مۇسابىقىسىدە، ئەتە ئىسلاندىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
شەنول گۈنەش تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، رىۋاغا جايلاشقان ھاسان دوغان مىللىي كوماندىلار لاگېرى ۋە تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى مەشىقنىڭ 20 مىنۇتلۇق قىسمى ئاخباراتقا ئاشكارىلاندى.
تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەتلىك كوماندىنىڭ مەسئۇلى سەلىم سويدان كوماندىنىڭ مەشىقىنى كۆردى.