ئىسپانىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبولدا كېلىشىم تۈزدى

ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۈچ يىل مۇددەت بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

1305181
ئىسپانىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبولدا كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلان قىلىنغان تۆت كۈچلۈك كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسى، ئۈچ يىل بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىسپانىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى (RFEF) ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە، 2020-2021-ۋە 2023-يىللىرى ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقا مۇسابىقىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىسپانىيەدە 2019-2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ چېمپىيونى بارسېلونا كوماندىسى، پادىشاھ لوڭقىسىنىڭ ساھىبى ۋالېنسىيا (Valencia) ۋە ئاتلېتىكو مادرىد (Atletico Madrid) كوماندىسى، رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى 2020-يىلى 8-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر