فۇرقان ئۆزبېك ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە 2 ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

فۇرقان ئۆزبېك ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ ياۋورپا چېمپىيونى بولدى.

1292208
فۇرقان ئۆزبېك ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە 2 ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رومېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 23 ياشتىن تۆۋەن ياشلار بويىچە ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدا، 73 كېلولۇقلار بويىچە مۇھەممەد فۇرقان ئۆزبېك 2 ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

پايتەخت بۈكرەشتە ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدا فۇرقان ئۆزبېك يۇلۇپ ئېلىشتا 148 كېلو بىلەن ئالتۇن مېدالغا ۋە سىلىكىپ كۆتۈرۈشتە 181 كېلو بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ ئىككى ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. جەمئىي 329 كېلو بىلەن يېڭى بىر ياۋروپا رېكورتى ياراتتى.

73 كېلولۇقلار بويىچە تەنتەربىيەچىمىز باتۇخان يۈكسەلمۇ يۇلۇپ ئېلىشتا 135 كېلو بىلەن 5- ۋە سلىكىپ كۆتۈرۈشتە 177 كېلو بىلەن كۆمۈش مېيدالغا ئېرىشتى. جەمئىي 312 كېلو بىلەن ياۋروپا ئۈچىنچىسى بولدى ۋە مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

فۇرقان ئۆزبېك ۋە باتۇخان يۈكسەل مۇنبەردە ھەربىيچە سالام بەرگەن ھالدا ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇدى.

چېمپىيونلۇق تاشلىشىش مۇسابىقسى 4كۈنىگە قەدەم قويقىچە بولغان ئارىلىقتا دۆلەتلىك تەنتەربىيەچىلىرىمىز 9 ئالتۇن، 5 كۈمۈش ۋە 8 مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 22 مېدالنى قولغا كەلتۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر