تۈركىيە ماھىرى تاپانچا ئېتىشتا چېمپىيون بولدى

خەلقئارا ئوق ئېتىش تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى (ISSF) بارلىق تۈرلەر ياشلار دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا، تۈركىيە ماھىرى شەۋۋال ئىلايدا تارخان 10 مېتىر يىراقلىقتىن يەل تاپانچا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1238353
تۈركىيە ماھىرى تاپانچا ئېتىشتا چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئوق ئېتىش تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى (ISSF) بارلىق تۈرلەر ياشلار دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا، تۈركىيە ماھىرى شەۋۋال ئىلايدا تارخان 10 مېتىر يىراقلىقتىن يەل تاپانچا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ئوق ئېتىش فېدېراتسىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن چېمپىيونلۇقتا، ئاياللار 10 مېتىر يىراقلىقتىن يەل تاپانچا ئېتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرى شەۋۋال ئىلايدا تارخان 232.1 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. تۈركىيەنىڭ يەنە بىر ماھىرى ياسەمىن يىلماز 215.4 نومۇر بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر