يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ماھىرى ئۈچىنچى بولدى

يەلكەنلىك كېمە ماھىرى ئوكيانۇس ئارىكان 2019-يىللىق دۇنيا ئوپتىمىست يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىدا ئۈچىنچى بولدى.

1236719
يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ماھىرى ئۈچىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەلكەنلىك كېمە ماھىرى ئوكيانۇس ئارىكان ئانتىگۇا ۋە باربۇدادا ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق دۇنيا ئوپتىمىست يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولدى.

2019-يىللىق دۇنيا ئوپتىمىست يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى 6-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلدى ۋە 65 دۆلەتتىن 255 ماھىر قاتناشتى.

دۆلەتلىك يەلكەنلىك كېمە ماھىرى ئوكيانۇس ئارىكان ئاياللار تۈرىدە 232 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئۈچىنچىلىك مېدالنى بوينىغا ئاستى.

ئومۇمىي كاتېگورىيەدە جان ئەرتۈرك 12 قېتىملىق مۇسابىقە ئاخىرىدا 96 نومۇرغا ئېرىشىپ تۆتىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە ماھىرلىرىدىن يەنە، ئالپ نامدار 65-، مەرت ئايدوغان 99-ۋە مۇستافاجان ئۆزتۇنجەل 130-بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر