2019-يىللىق ئافرىقا دۆلەتلىرى لوڭقىسى مىسىردا ئۆتكۈزۈلدى

2019-يىللىق ئافرىقا دۆلەتلىرى لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلغان مىسىر كوماندىسى دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

1225867
2019-يىللىق ئافرىقا دۆلەتلىرى لوڭقىسى مىسىردا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (CAF) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 2019-يىللىق 32-نۆۋەتلىك ئافرىقا دۆلەتلىرى لوڭقىسىنىڭ A گۇرۇپپىسىدا، مىسىر كوماندىسى بىلەن دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە پايتەخت قاھىرەدىكى خەلقئارا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

 مىسىر كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 25مىنۇت ئۆتكەندە بىر توپ، 43 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى. مىسىر كوماندىسى بۇ نەتىجىسى بىلەن، A گۇرۇپپىدىكى نومۇرىنى 6 گە چىقىرىپ، 16 كوماندا ئىچىگە كىردى.

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيە گالاتاساراي كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان ماھىرى كرىستىيان لۇيىنداما (Christian Luyindama) بىلەن ئۆتكەن يىلى ئەنقەرە كۈچى كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ماھىرى ۋىلفرېد موك (Wilfred Moke) مۇسابىقىگە قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر