ئەردوغان دۇنيا چىمپېيونى رىزا كايائالپ بىلەن زەينەپ يىلمازنىڭ نىكاھىغا شاھىتلىق قىلدى
دۇنيا چىمپېيونلىقىغا ئېرىشكەن دۆلەتلىك چېلىش ماھىرى رىزا كايائالپ بىلەن زەرنەپ يىلماز توي قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا چىمپېيونلىقىغا ئېرىشكەن دۆلەتلىك چېلىش ماھىرى رىزا كايائالپ بىلەن زەينەپ يىلمازنىڭ نىكاھىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاھىتلىق قىلدى.
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىمدا، نىكاھنى ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاش ئوقۇدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىنى فۇئات ئوكتاي، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاسائپوغلۇ، سابىق ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەلىھ گۆكچەك ۋە ئولېمپىك جىپېيونلىقىغا ئېرىشكەن دۆلەتلىك چېلىش ماھىرىمىز تاھا ئاقگۈل نىكاھقا شاھىتلىق قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى ياشقا بەخت – سائادەت تېلەش بىلەن بىرگە توي كېنىشكىنى زەينەپ يىلمازغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇردى.