چېسلى كوماندىسى چېمپىيون بولدى
چېسلى كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ 2018-2019-يىللىق چېمپىيونى بولدى.
1211440
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ چېسلى (Chelsea) كوماندىسى بىلەن ئارسېلنا (Arsenal) كوماندىسى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشتى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى.
ئىككىنچى مەيدا مۇسابىقە باشلىنىپ 49-مىنۇتتا چېسلى كوماندىسىنىڭ فىرانسىيەلىك ماھىرى ئولىۋىيېر گىراۋۇد (Olivier Giroud) ئارسېلنا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا چېسلى كوماندىسى 60-مىنۇتتا يەنە ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى.
گەرچە ئارسېلنا كوماندىسى 69-مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما چېلى كوماندىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كىرگۈزگەن ئىككى توپى بىلەن نەتىجە 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇنداق قىلىپ، چېلى كوماندىسى تارىخىدا ئىككىنچى قېتىم UEFA نىڭ چېمپىيونى بولدى.