ئېمىلىيانو سالانىڭ ئۆلۈمى پۇتبول دۇنياسىنى ماتەمگە چۆمدۈردى

ئارگېنتىنالىق پۇتبولچى ئېمىلىيانو سالا ۋە ئۇچقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى تېپىلغان بولۇپ، ئىچىدىن كىملىكى نامەلۇم جەسەتلەر چىقىرىلغان ئىدى.

1141568
ئېمىلىيانو سالانىڭ ئۆلۈمى پۇتبول دۇنياسىنى ماتەمگە چۆمدۈردى
2019-02-07T231141Z_983758406_RC1C17E0F5E0_RTRMADP_3_SOCCER-SALA-CRASH.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنگلىيە ساقچىلىرى 4-فېۋرال تېپىلغان جەسەتنىڭ، پۇتبولچى ئېمىلىيانو سالانىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2019—يىل 21-يانۋار فىرانسىيەنىڭ نانتېس شەھىرىدىن گاللېر پايتەختىگە قاراپ ئۇچقان ئىككى كىشىلىك ئايروپىلان مانش دېڭىزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە يوقاپ كەتكەن ئىدى. 2019-يىل 4-فېۋرال ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى بىلەن بىر جەسەت تېپىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دېڭىزدىن چىقىرىلغان جەسەتنىڭ 28 ياشلىق ئېمىلىيانو سالانىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن، پۇتبول دۇنياسى يەنە بىر قېتىم ماتەمگە چۆمدى.

ئېمىلىيانو سالا بۇرۇن ئەزا بولغان نانتېس ۋە «كاردىف سىتى» (Cardiff City) قاتارلىق كۇلۇبلار، پۇتبولچىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، تېلېگرامما يوللىدى.

ئايروپىلان راداردىن غايىپ بولغاندىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە توختىتىلغان بولۇپ، ئېمىلىيانو سالانىڭ ئائىلىسى ۋە نۇرغۇن داڭلىق پۇتبولچى تەرىپىدىن ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەنگەن مەخسۇس ئەترەت ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر