خەلقئارا پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى گىياننى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئۈستىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

خەلقئارا پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى گىياننى دۇبەي خەلقئارا تەنتەربىيە يىغىنىدا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئۈستىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

1118774
خەلقئارا پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى گىياننى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئۈستىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى گىياننى ئىنفانتىنو، دۇبەي خەلقئارا تەنتەربىيە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

فېدراتسىيە باشلىقى گىياننى ئىنفانتىنو 2022 دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە 32 دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەمەس 48 دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە چۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

 خەلقئارا پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى گىياننى ئىنفانتىنو قاتار ساھىبخانلىق قىلىدىغان 2022 دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرى توغرۇلۇق سۆز قىلدى.

بۇ يىل 13-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن دۇبەي خەلقئارا تەنتەربىيە يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى گىياننى ئىنفانتىنو، دۇنيا لوڭقىسىنى تەشكىللەش خىزمەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

2026 دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە 48 دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان گىياننى ئىنفانتىنو: نېمە ئۈچۈن بۇنى تۆت يىل ئىلگىرى سىناپ باقمايمىز؟، دېدى.

«ئەگەر كوماندا سانىنى 48گە يەتكۈزسەك پۈتكۈل دۇنيا خۇشال بولىدۇ»دېگەن شىۋېتسارىيەلىك گىياننى ئىنفانتىنو، 2022 دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ قاتاردىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر