UEFA دا تۈرك رېپېرلار ۋەزىپە ئۆتەيدۇ
ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە خالىل ئۇمۇت مەلەر بىلەن ھۈسەيىن گۆچەكنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
1104940
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) دە ۋەزىپە ئۆتىگەن خالىل ئۇمۇت مەلەر 13-دېكابىر (پەيشەنبە) UEFA نىڭ H گۇرۇپپىسىنىڭ لازىيو-ئېيىنچەچىت فرانكفۇرت مۇسابىقىسىدە رېپېرلىق قىلدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 20:55 ئۆتكەندە ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
FIFA دا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھۈسەيىن گۆچەك 13-دېكابىر UEFA نىڭ C گۇرۇپپىسىدىكى دانىيەنىڭ كوپېنھاگىن كوماندىسى بىلەن فىرانسىيەنىڭ بوردېيۇكس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىگە رېپېرلىق قىلدۇ.