UEFA نىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە يەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى(UEFA) نىڭ دۆلەتلىك كوماندا سەۋىيەسىدىكى يېڭى مۇسابىقىلەرنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە،A, B, C, D گۇرۇپپىلىرىدا يەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

1067574
UEFA نىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە يەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى(UEFA) نىڭ دۆلەتلىك كوماندا سەۋىيەسىدىكى يېڭى مۇسابىقىلەرنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە،A, B, C, D  گۇرۇپپىلىرىدا يەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيە بىلەن شىۋېتسىيە B گۇرۇپپىسىدا كالىنىنگراد تەنتەربىيە زالىدا مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. A گۇرۇپپىسىدا پولشا بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. C گۇرۇپپىسىدا ئىسىرائىلىيە كوماندىسى 2، شوتلاندىيە كوماندىسى 1 توپ كىرگۈزدى. D گۇرۇپپىدا فائېرو تاقىم ئاراللىرى كوماندىسى بىلەن ئەزەربەيجان كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1- مۇسابىقىدە، ئەزەربەيجان كوماندىسى 3توپ كىرگۈزدى، فائېرو تاقىم ئاراللىرى كوماندىسى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. D گۇرۇپپىسىدا كوسوۋۇ كوماندىسى بىلەن مالتا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-مۇسابىقىدە، كوسوۋۇ كوماندىسى 3 توپ، مالتا كوماندىسى 1 توپ كىرگۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر