ماداغاسقاردىكى بىر تەنتەربىيە زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئېغىر قىستاڭچىلىق يۈز بەردى

ماداغاسقاردىكى بىر تەنتەربىيە زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ، بىر ئادەم قازا قىلدى، 40 ئادەم يارىلاندى.

1046368
ماداغاسقاردىكى بىر تەنتەربىيە زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئېغىر قىستاڭچىلىق يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافرىقا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە ماداغاسقار – سېنېگال كوماندىلىرى مەيدانغا چۈشكەن پايتەخت ئانتانانارىۋودىكى تەنتەربىيە زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەن.

مىڭلارچە پۇتبولسۆيەر تەنتەربىيە زالىنىڭ بىرلا ئىشىكىدىن كىرىشكە ئۇرۇنغان ئەسنادا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا كەم دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن، ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 40 ئادەم يارىلانغان.

كۆپ ئادەمنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلى ئافرىقىدىكى تەنتەربىيە زاللىرىدا قىستاڭچىلىقلار داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ ئۆتكەن يىلى ئانگولادا 17، مالاۋىدا يەتتىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 8 كىشى تەنتەربىيە زاللىرىدا كۆرۈلگەن قىستاڭچىلىقلاردا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر