دۇنيا لوڭقىسىدا روھلاندۇرغۇچى ماددىنىڭ بايقالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسى (FIFA) رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، ماھىرلارنىڭ ھېچبىرىدە روھلاندۇرغۇچى ماددىلارنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1011564
دۇنيا لوڭقىسىدا روھلاندۇرغۇچى ماددىنىڭ بايقالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلاردىن دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن 2761، دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جەرياندا 626 ئەۋرىشكە ئېلىنغانلىقى ۋە ھېچبىرىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، دۇنيا لوڭقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2018-يىلى يانۋار ئېيىدىن تارتىپ 20137 قېتىم تەجرىبە قىلىنغانلىقى ۋە دۇنيا لوڭقىسى ئۆلچىمىدە ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ مۇشۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىجرا قىىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ماھىرلەردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ 10 يىلغىچە ساقلىنىپ، تېخنىكا تەرەققىياتلارغا ئاساسەن قايتىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر