16 كوماندىغا تاللىنىش مۇسابىقىلىرى بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ
رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بۈگۈن (28-ئىيۇن) ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت مەيدان مۇسابىقە بىلەن 16 كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرىش رىقابەتلىرى ئاخىرلىشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا لوڭقىسىنىڭ G ۋە H گۇرۇپپىلىرىدىن 16 كوماندا ئىچىگە كىرىدىغان كوماندىلار ئېنىق بولىدۇ. H گۇرۇپپىسىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00 دە ياپونىيە كوماندىسى بىلەن پولشا كوماندىسى؛ سېنېگال كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
ياپونىيە-پولشا مۇسابىقىسى 1-ت ر ت (TRT 1) قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. سېنېگال-كولومبىيە مۇسابىقىسى ت ر ت سپور (TRTSPOR) قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.
ياپونىيە كوماندىسى بىلەن سېنېگال كوماندىسى 4 نومۇرغا ئىگە. كولومبىيە كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى نومۇرى 3.
پولشا كوماندىسى ئىككى مۇسابىقىدە نومۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، ياپونىيە مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلىشىدۇ.
G گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىلەر؛ ئەنگلىيە بىلەن بېلگىيە، پاناما بىلەن تۇنىس كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:00 دە باشلىنىدۇ. ئەنگلىيە-بېلگىيە مۇسابىقىسى 1-ت ر ت قانىلىدا، پاناما-تۇنىس مۇسابىقىسى ت ر ت سپور قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.
ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنىڭ نومۇرى 6 بولۇپ، ھەر ئىككى كوماندىنىڭ 16 كوماندا ئىچىگە كىرىشى كاپالەتكە ئىگە. ئىككى كوماندا گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ.
پاناما بىلەن تۇنىس كوماندىلىرى نومۇرغا ئېرىشەلمىدى.