تۈركىيەلىك بوكىس ماھىرى فىرات ئارسلان 4 – قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيەنىڭ كەسپىي بوكىس تارىخىنىڭ تۇنجى ۋە بىردىن - بىر دۇنيا چېمپىئونى فىرات ئارسىلان يېڭى رېكورت يارىتىپ، 4 – قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى ۋە 15 – قېتىم ئالتۇن كەمەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

994335
تۈركىيەلىك بوكىس ماھىرى فىرات ئارسلان 4 – قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەلىك بوكىس ماھىرى فىرات ئارسلان گېرمانىيەنىڭ كارلسىرۇچ شەھىرىدە ئارگېنتىنالىق بوكىس ماھىرى پابلو ماتېس ماگرونىغا قارشى دۇنيا چېمپىيونلىقىنى تالىشىش دوئېلى ئېلان قىلدى.

ئارېگېنتىنالىق بوكىس ماھىرى پابلو ماتېس ماگرونى مۇشتۇمىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە 19 مۇسابىقىدا 15 رەقىبىنى ئۇرۇپ يېقىتىپ قويۇشى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى مىنۇتىدىلا تۈركىيە ماھىرى فىرات ئارسلان ئاتقان مۇشت دەل ئىڭىكىگە تېگىپ يەرگە يېقىلدى.

تۈركىيە ماھىرى فىرات ئارسلان مۇسابىقىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رەقىبىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك بىر تەنھەركەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ۋېدىئولىرىنى كۆرگەن ئىدىم ۋە قانداق خەتەرگە ئالدىمنى قىلغانلىقىمنى بىلەتتىم.  مۇسابىقە باشلاندى ماڭا ئاتقان مۇشتىنى كۆرگۈنىمدە، كىم چاققان چىقسا ۋە ئۇرۇپ يېقىتىپ قويالىسا، شۇ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. مۇسابىقا باشلىنىشى بىلەن تەڭلا رەقىبىمنىڭ بىر ئاجىزلىقىنى بايقىدىم ۋە ئۇنى ياخشى قوللىنىپ، رەقبىمنى يەرگە يىقىتتىم» دېدى.

تەنتەربىيە زالىنى تۇرغۇن ساندا تۈركىيەلىك تاماشىبىنلار تولدۇرغان بولۇپ، فىراتنىڭ مەيدانغا چىقىش مۇزىكىسى بولغان «دومبىرا» چېلىنمىغىچە، فىرات مەيدانغا چىقىشنى رەت قىلغان ۋە «دومبىرا» مۇزىكىسى چېلىنغىچە ساقلاپ تۇرغان ئىدى.

مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ تەلەپ قىلغان مۇزىكىسى چېلىنغاندا، ئاندىن تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە مەيدانغا چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر