ئەردوغان تۈرك پۇتبولچىلارنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە پرېمىيېر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ تېپىدىغان تۈرك پۇتبولچىلاردىن جەڭ توسۇن، مەسۇت ئۆزىل ۋە ئىلكاي گۈندوغاننى قوبۇل قىلدى.

970200
ئەردوغان تۈرك پۇتبولچىلارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرەسىدە، تۈرك پۇتبولچىلارنى قوبۇل قىلدى. لوندوندىكى بىر مېھمانخانىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان قوبۇلدا، جەڭ توسۇن، مەسۇت ئۆزىل ۋە ئىلكاي گۈندوغان مايكىلىرىغا ئىمزا قويۇپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى.

ئىلكاي گۈندوغان بىلەن مەسۇت ئۆزىل بۇ يىل (2018) گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىلكاي گۈندوغان ئەنگلىيەنىڭ مانچېستىر سىتى (Manchester City) ، جەڭ توسۇن ئېۋېرتون (Everton)، مەسۇت ئۆزىل ئارسېنال (Arsenal) كۇلۇبلىرىدا پۇتبول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر