تۈركىيە ئوغۇللار ۋالىبول كوماندىسى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئوغۇللار ۋالىبول كوماندىسى 2018-يىللىق ياۋروپا ۋالىبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن ياۋروپا ۋالىبول چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

961200
تۈركىيە ئوغۇللار ۋالىبول كوماندىسى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئوغۇللار ۋالىبول كوماندىسى 2018-يىللىق ياۋروپا ۋالىبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن ياۋروپا ۋالىبول چېمپىيونلۇقى ئىككىنچى ئايلانما شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ G گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە، ساھىبخان كوماندا سلوۋاكىيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

تۈركىيە ۋالىبول فېدېراتسىيەسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سلوۋاكىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ رەقىپ كوماندىسىنى 19 غا قارشى 25، 25 كە قارشى 27، 11 گە قارشى 15 نومۇر بىلەن ئۈچ مەيدان يىڭىپ؛ 27 گە قارشى 25، 25 كە قارشى 23 نومۇر بىلەن ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە كوماندىسى 14-22-ئىيۇل كۈنلىرى گوللاندىيە ۋە بېلگىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق ۋالىبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20 ياشتىن تۆۋەن ئوغۇللار ياۋروپا ۋالىبول چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر