رۇسىيەدە يۈز مىڭلارچە كىشى چانا تېيىلىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى
رۇسىيەنىڭ 73 رايونىدا يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «رۇسىيەنىڭ چانا يولى 2018» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
908080
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان چانا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى، بۇ يىل 36 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيەنىڭ چانا يولى 2018» ناملىق پائالىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى قوبۇل قىلغان بارلىق كىشىلەرنى تەبرىكلىدى.