سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاياللار تۇنجى قېتىم پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە كۆردى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئايال پۇتبول مەستانىلىرى تۇنجى قېتىم تەنتەربىيە زالىدا پۇتبول مۇسابىقىسى كۆردى.

887535
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاياللار تۇنجى قېتىم پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلئەھلى ۋە ئەلبەتن كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى بىر يېڭىلىققا سەھنە بولدى؛ دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئايال پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقىنى بىۋاسىتە مۇسابىقە مەيدانىدا كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىندى.

جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنى زالغا بېرىپ كۆرگەن ئاياللار، دۆلەتتىكى ئىسلاھات مۇساپىسىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئاياللارغا ئالاقىدار بەزى يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشقا باشلىغانىدى؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى ۋە 25 ياشتىن چوڭ ئاياللارنىڭ يانلىرىدا ئەرلەر بولمىسىمۇ سەپەر قىلالايدىغانلىقى دېگەندەك يېڭى بەلگىلىمىلەرمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر