فەنەرباھچە ۋاسكېتبول كوماندىسى سېربىيە كوماندىسىنى يەڭدى

فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈرك ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 13-ھەپتىسىدە، سېربىيە چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يەڭدى.

872346
فەنەرباھچە ۋاسكېتبول كوماندىسى سېربىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈرك ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 13-ھەپتىسىدە، سېربىيەنىڭ قىزىل يۇلتۇز كوماندىسىنى 56 گە قارشى 82 نومۇر بىلەن يەڭدى. بۇنىڭ بىلەن، فەنەرباھچە ۋاسكېتبول كوماندىسى 9-قېتىملىق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كواندىسى تۈرك ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 14-ھەپتىسىدە، تېل ئاۋىۋدا ماككابى فوكس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ماككابى فوكس-فەنەرباھچە دوغۇش مۇسابىقىسى ئەنقەرە ۋاقتى 22:05 ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:05 ئۆتكەندە باشلىنىدۇ.

فەنەرباھچە دوغۇش كوماندىسى ياۋروپادىكى مۇسابىقىلىرىدە 4 قېتىم غەلىبە قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ماككابى كوماندىسى 13 قېتىملىق مۇسابىقىدە يەتتە قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئالتە قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر