2018 – يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى سوچىدا...
2018 – يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان لوڭقا، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلدى.
853516
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018 – يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان لوڭقا، 123 كۈنلۈك رۇسىيە سەپىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان سوچى شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلدى.
سوچىدا مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنغان لوڭقا، 26 – نويابىرغىچە شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى بايراق مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
2018 – يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 2018 – يىلى 14 – ئىيۇن بىلەن 15 – ئىيۇل كۈنلىرى ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ موسكۋا، كالىنىنگراد، ست.پېتېرسبۇرگ، ۋولگوگراد، قازان، نىجنىي نوۋگورود، سامارا، سارانىسكى، روستوۋ – نا – دونۇ، سوچى ۋە يېكاتېرىنبۇرگ قاتارلىق 11 شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇسابىقىلىرى موسكۋادىكى لۇجنىكى تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.