تۈرك تەنھەرىكەتچىلەر ئارىدىن 55 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈپ 6 كۈن داۋام قىلغان دۇنيا چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى.

797524
تۈرك تەنھەرىكەتچىلەر ئارىدىن 55 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن، 1 كۈمۈش ۋە 3 مىس مېدالغا ئېرىشكەن تۈركىيە مىللىي تەنھەرىكەتچىلىرى، دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش تارىخىدا ئارىدىن 55 يىل ئۆتكەن كېيىنكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى؛ تۈرك مىللىي تەنھەرىكەتچىلەر، 1962 – يىلى ئىسپانىيەنىڭ تولېدو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن، 1 كۈمۈش ۋە 5 مىس مىدالغا ئېرىشكەنىدى.

پارىژدا يېڭىدىن تارىخ يازغان مىللىي چېلىشچىلار كوماندىسىدىن رىزا كايائالپ، مەتەخان باشار ۋە ياسەمىن ئادار ئالتۇن مېدالغا؛ ئولىمپىك چېمپىيونى تاھا ئاقگۈل كۈمۈش مېدالغا، سونەر دەمىرتاش، ئەۋىن دەرمىرخان ۋە ئاتاكان يۈكسەل مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە، كوماندا ھالىتىدە 3-، ئەركىن چېلىشىشتا 4-، ئاياللاردا بولسا، 5 – قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ياسەمىن، دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى تۈرك ئايال چېلىشچى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئاياللار مىللىي كوماندىمىز، دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە تۇنجى قېتىم بىراقلا ئىككى مېدالغا ئېرىشىشكە مۇۋەپپەق بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر