تۈركىيە دۇنيا چېمپىيونى بولدى

دۇنيا چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 75 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مەيدانغا چۈشكەن تۈركىيەلىك مىللىي تەنھەرىكەتچى ياسەمىن ئادار، دۇنيا چېمپىيونى بولدى.

795804
تۈركىيە دۇنيا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياسەمىن ئادار، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، بېلارۇسىيەلىك ۋاسىلىسا مارزالىئۇكنى 4 كە قارشى 5 نومۇر بىلەن يېڭىپ، تۈركىيەنىڭ ئاياللار تۈرىدىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. چېمپىيونلۇق ياسەمىن ئادارغا ھەم ئالتۇن مېدال، ھەم ئۆيلىنىش تەكلىپى ئېلىپ كەلدى.

مۇسابىقە مۇراسىمىدا ياسەمىن ئادارغا ئالتۇن مېدالى تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن، سەھنىگە گۈل – چېچەك ۋە ئۈزۈك كۆتۈرۈپ چىققان ئەردەم يىگىت، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ياسەمىن ئادارغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويدى. تەكلىپنى قوبۇل قىلغان مىللىي چېلىشچى، ئۈزۈكنى بارمىقىغا سېلىپ ئەردەم يىگىتكە ئېسىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلىگەن دۇنيا چېمپىيونى ياسەمىن ئاردارنى، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باكمۇ تېلېفون ئېلىپ تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر