تۈركىيە كوماندىسى مولدوۋا كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى ئەسكىشەھىردە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىدە مولدوۋا كوماندىسىنى يەڭدى.

700349
تۈركىيە كوماندىسى مولدوۋا كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسى ئەسكىشەھىردە ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق مۇسابىقىسىدە مولدوۋا كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى. 

مىللىي كوماندىنىڭ توپلىرىنى ئەمرە مور، ئەھمەت چالېك ۋە جەنگىن ئۈندەر؛ مولدوۋا كوماندىسىنىڭ توپىنى بولسا، گىنسارى كىرگۈزدى.

ياش پۇتبولچىلاردىن تەركىب تاپقان مىللىي كوماندا ماھىرلىرى كېلەچەكلىرىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر