«ئۆزبېك يولۋاسلىرى»، «خىتاي ئەجدىرھالىرى» نى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلدى

ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتلىك بوكس كوماندىسى «Uzbek Tigers» (ئۆزبېك يولۋاسلىرى) خىتاينى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

695688
«ئۆزبېك يولۋاسلىرى»، «خىتاي ئەجدىرھالىرى» نى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ «daryo.uz» تورى شەنبە (18-مارت) كۈنى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك بوكس كوماندىسى «Uzbek Tigers» (ئۆزبېك يولۋاسلىرى) بىلەن خىتاينىڭ دۆلەتلىك بوكس كوماندىسى «China Dragons» (خىتاي ئەجدىرھالىرى) نىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. «daryo.uz» خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتلىك بوكس كوماندىسى «Uzbek Tigers» (ئۆزبېك يولۋاسلىرى) خىتاينىڭ دۆلەتلىك بوكس كوماندىسى «China Dragons» «خىتاي ئەجدىرھالىرى»نى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. 

ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

52 كىلوگىراملىقلار بويىچە، ئۆزبېك بوكس ماھىرى ئابرورجان قادىروۋ خىتاي بوكس ماھىرى چاڭ يوڭنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

60 كىلوگىراملىقلا بويىچە ئۆزبېك بوكس ماھىرى مۇرادجان ئاخمادالېۋ خىتاي بوكس ماھىرى ۋاڭ سەننى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

69 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆزبېك بوكس ماھىرى شاھرام غىياسوۋ خىتاي بوكس ماھىرى لىيۇ ۋەينى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

81 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆزبېك بوكىس ماھىرى بەكتەمىر مەلىقوزىيېۋ  خىتاي بوكىس ماھىرى خۇاڭ جەيبىننى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋەتتى.

91 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆزبېك بوكىس ماھىرى باھادىر جالالوۋ خىتاي بوكىس ماھىرى مۇ خەيپىڭنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويدى.

ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك بوكس كوماندىسى «Uzbek Tigers» «ئۆزبېك يولۋاسلىرى»نىڭ بۇ يۇقىرى نەتىجىسى تەنتەربىيە دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر