جەم كاراباي 4 – قېتىم جىنىس دۇنيا قامۇسىغا كىردى
تۈركىيەلىك سۇ ئاستىدا ئۇزۇن تۇرۇش ماھىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىتىنىڭ 42-نۆۋەتلىك «20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى»نى تەبرىكلەپ، يېڭى جىنىس دۇنيا رېكورتى ياراتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇ ئاستى تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە جىنىس دۇنيا قامۇسىغا كىرگەن تۈركىيەلىك جەم كاراباي، 4 – قېتىم سۇ ئاستىدا ئۇزۇن تۇرۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 2009، 2011 ۋە 2015 – يىللىرى ئۈچ قېتىم سۇ ئاستىدا ئۇزۇن تۇرۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. ئۇ 4 – قېتىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 42-نۆۋەتلىك «20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» نى تەبرىكلەش مەقسىتىدە سۇئاستىدا رېكورت ياراتتى. ئۇ سۇ ئاستىدا 142 سائەت، 42 مىنۇت، 42 سېكۇنت تۇرۇپ، دۇنيا جىنىس رېكورتى گۇۋاھنامىسىنى ئالدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۇنيانىڭ ئەڭ تۇزلۇق دېڭىزىدا 142 سائەت تۇرۇپ، دۇنيا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىدىن بەكرەك، دۇنيا جىنىس دۇنيا قامۇسىغا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسمىنى ئىككىنچى يازدۇرغانلىقىمدىن ئۆزەمنى ئىنتايىن پەخرلىك ھېس قىلىمەن» دېدى.