ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى بۈگۈن باشلىنىدۇ
فىرانسىيە كوماندىسى پولشا كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىدىن كېيىن، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىبخان كوماندا تۈنۈگۈن (26 – ئىيۇن) ئەنقەرە ۋاقتى 16:00 دە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 19:00 دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئىرېلاندىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
گېرمانىيە كوماندىسى سلوۋاكىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە يېڭىپ، ناھايىتى ئاسانلا چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئاخىرقى 2 – ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بىلگىيە كوماندىسى ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، گاللېر كوماندىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبىگە ئايلاندى.
بۈگۈن چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئايدىڭلىشىدۇ. ئەنقەرە ۋاقتى19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە، ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە ت ر ت سپور قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن ئىرېلاندىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ت ر ت 1 قانىلى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.