تۈركىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېخ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
تۈركىيەنىڭ 2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە باسقۇچ ئاتلاش پۇرسىتى داۋام قىلماقتا.
515687
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مىللىي كوماندىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان د گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخىرقى مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى. مىللىي كوماندىمىز ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە، چېخ جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولدى.
د گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى بولغان مىللىي كوماندىمىز بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلەش ئۈچۈن باشقا گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىدۇ.