ئىتالىيە ياۋروپا لوڭقىسىنى غەلىبە بىلەن باشلىدى
2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ E ۋە D گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، ئىتالىيە كوماندىسى ئىككى توپ كىرگۈزدى.
510441
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدىكى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن چېخ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن چېخ كوماندىسىنى يەڭدى. E گۇرۇپپىسىدا ئىرېلاندىيە كوماندىسى بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسى 1 دە 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئىتالىيە كوماندىسى بېلگىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، ياۋروپا لوڭقىسىنى غەلىبە بىلەن باشلىدى.