فىلەنىڭ سۇلتانلىرى رۇسىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى

ئىتالىيە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى (F) گۇرۇپپىسىدا تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى 3:2 يەڭدى.

148646
فىلەنىڭ سۇلتانلىرى رۇسىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلەنىڭ سۇلتانلىرى رۇسىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
ئىتالىيە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى (F) گۇرۇپپىسىدا تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى 3:2 يەڭدى.
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە رۇسىيە كوماندىسىنى 25:19 ۋە 27:25 يەڭگەن فىلەنىڭ سۇلتانلىرى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىنىمۇ 25:22 قازاندى، شۇنىڭ بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھيىتىگە ئېرىشتى.
قاتتىق تىركىشىش ئىچىدە داۋاملاشقان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فىلەنىڭ سۇلتانلىرى رۇسىيە كوماندىسىنى 15:13 يەڭدى.
شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى 3:2 يەڭگەن بولدى. فىلەنىڭ سۇلتانلىرى بۇ نەتىجە بىلەن 2 نومۇرغا ئېرىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر