ماھىرلىرىمىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

دۇنيا چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنى ماھىرلىرىمىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

118859
 ماھىرلىرىمىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنى ماھىرلىرىمىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش مۇسابىقىسىدە، تاھا ئاقگۈل 156 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
مىللىي ماھىرىمىز Gymnastics Palace تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىرانلىق كومىل گاسېمىنى 4:3 يەڭدى.
ياقۇپ گۆر، رۇسىيەلىك Khetik Tsabolov نى 10:0 تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
سەلىم ياشار، 86 كىلوگىراملىقلار بويىچە قازاقىستانلىق رەقىبى ئاسلان قاقھىدزەنى 5:2 يېڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر