خەلقئارا ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى

خىتاينىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلارنىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشتى.

106827
خەلقئارا ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى :تۈركىيە ماھىرلىرى 1 ئالتۇن مېدال، 3 كۈمۈش مېدال ۋە 6 مىس مېدال ئالدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تۈركىيە چېلىشىش ماھىرى مىس مېدالغا ئېرىشتى. قىزلار 44 كىلوگىراملىقلار جۇدوچە چېلىشىش تۈرىدە مەلىسا چاكماكلى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. قىزلار 55 كىلوگىراملىقلار تەيكۈەنداۋ مۇسابىقىسىدە فاتما سارىدوغان، ئوغۇللار 42 كىلوگىراملىقلار چېلىشىش تۈرىدە فاتىھ ئاسلان، قىزلار 70 كىلوگىراملىقلار چېلىشىش تۈرىدە تۇغبا گۈمۈش كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئوغۇللار 64 كىلوگىراملىقلار بوكس تۈرىدە ئادەم فۇركان ئاۋجى، قىزلار 51 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە نەرىمان ئىستىك، ئوغۇللار 55 كىلوگىراملىقلار جۇدوچە چېلىشش تۈرىدە ئوغۇزخان كاراجا، ئوغۇللار 73 كىلوگىراملىقلار تەيكۈەنداۋ تۈرىدە تالھا بايرام، ئوغۇللار 46 كىلوگىراملىقلار چېلىشىش تۈرىدە جاببار دۇيۇم مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر