2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە چېمپيون بولدى.
128479
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە ساھىبخانىلىق قىلغان 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە ئارگېنتىنا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.
گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئۇزارتىش ۋاقتىدا گۆتزېنىڭ ئاتقان توپى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
گېرمانىيە شۇنداق قىلىپ 4-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشتى.