ئۆكچە يېرىلىش كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (3)

1882257
ئۆكچە يېرىلىش كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

ئۆكچە يېرىلىش كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئۆكچە يېرىلىش كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

لىمون

ئۆكچىلىرىڭىزدە ئوتتۇرىغا چىققان يېرىقلار سىزنى بىئارام قىلسا، ئازراق لىمون سۈيى ۋە تۇزنى ئىلمان سۇغا ئىلاۋە قىلىپ، پۇتىڭىزنى بۇ سۇدا 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇڭ. پۇتىڭىزنى تاكى سۇ سوۋۇغۇچە قاچىدا تۇرغۇزۇڭ.

ئاندىن پۇتىڭىزنى كۆپۈكسىمان تاشنىڭ ياردىمىدە چوتكىلاڭ.

ئاخىرىدا، پۇتىڭىزنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ، لۆڭگىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇتۇڭ.

بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا سۇنىڭ بەك ئىسسىق بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭ. چۈنكى بەك ئىسسىق سۇ تېرىڭىزنىڭ قۇرۇشىغا، جۈملىدىن ئۆكچىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

قوللىنىشىڭىزغا تېگىشلىك يەنە بىر ئۇسۇل بولسا، لىموننى سىقىپ بولغاندىن كېيىن، چۇقۇر قىسمىنى ئۆكچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇۋۇلاشتۇر.

ئالما سىركىسى

بىر قاچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن تولدۇرۇڭ. ئۇنىڭغا يېرىم ئىستاكان ئالما سىركىسىنى قوشۇڭ. پۇتىڭىزنى بۇ سۇدا 15 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ. پۇتىڭىزنى سۇدىن چىقارغاندىن كېيىن، كۆپۈكسىمان تاش بىلەن ئۇۋۇلاڭ.

كاربونات

2 قوشۇق كاربوناتنى 3-4 تامچە لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قىيامغا ئايلاندۇرۇڭ. بۇ قىيامنى ئىلمان سۇ بىلەن بىرلىكتە يۇيۇلغان ئۆكچىلىرىڭىزگە سۈرۈپ، 10 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ. ئاندىن پۇتىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ، نەمدەڭ.

 ئۆسۈملۈك مايلىرى

زەيتۇن يېغى، كوكۇس ياڭىقى يېغى، كۈنجۈت يېغى ياكى بادام يېغى قاتارلىق تېرىگە پايدىلىق ياغلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، بۇ ياغلارنىڭ تېرىنى تەبىئىي يوللار ئارقىلىق نەملەندۈرۈشىدۇر.

ئۆكچە يېرىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پۇتىڭىزنى ئىلمان سۇغا بىرئاز چىلىغاندىن كېيىن، پۇتىڭىزنى كۆپۈكسىمان تاش  بىلەن ئۇۋۇلاڭ. ئارقىدىن پۇتىڭىزنى تازىلاڭ ۋە قۇرۇتۇڭ. ئاخىرىدا بۇ ياغلاردىن بىرى بىلەن تاپىنىڭىزنى ئۇۋۇلاڭ. ئاندىن پۇتىڭىزغا پايپاق كىيىڭ ۋە شۇ پېتى ئۇخلاڭ.

بۇ ئۇسۇلنى تاكى ئۆكچىلىرىڭىزدىكى يېرىقلار تامامەن تۈگىگەنگە قەدەر ھەر كېچىسى تەكرارلاڭ.

چاي دەرىخى ئۇچۇشچان يېغى

پۇتلىرىڭىزنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، قۇرۇتۇڭ. چاي دەرىخى ئۇچۇشچان يېغىنى ئۆكچىلىرىڭىزگە تېمىتىپ، بارمىقىڭىز بىلەن ئۇۋۇلاڭ. ئاندىن پايپىقىڭىزنى كىيىپ، بىر كېچە تۇرغۇزۇڭ.

ۋازېلىن

پۇتىڭىزنى ئىلمان سۇغا چىلىغاندىن كېيىن، ئۆكچىڭىزنى كۆپۈكسىمان تاش بىلەن ئۇۋۇلاڭ. ئاندىن پۈتكۈل پۇتىڭىزنىڭغا ۋازېلىن سۈرۈڭ ۋە پۇتىڭىزغا پايپاق كىيىپ، شۇ پېتى ئۇخلاڭ.

ئەگەر خالىسىڭىز، ۋازېلىننى بىر چاي قوشۇقىچىلىك لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇتىڭىزغا سۈرسىڭىز بولىدۇ.

پېرسېيە نەشپۈتى

يېرىم پېرسېيە نەشپۈتىنى بىر بانان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەمگە ئايلاندۇرۇڭ. بۇ ئارىلاشمىنى يېرىلغان رايونغا سۈرۈپ، 20 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ. ئاخىرىدا ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇڭ.

نەملىك ساقلاش مەلھىمى

ھەر كۈنى كەچتە ئىلمان سۇدا پۇتنى يۇغاندىن كېيىن، كۆپۈكسىمان تاش بىلەن تازىلاش، ئاندىن تاپانغا نەملىك ساقلاش مەلھىمى سۈرۈش، ئۆكچە يېرىقلىرىنى تېز ساقايتىدۇ.

بۇ ئۇسۇلنى ھەر قېتىم مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىن قوللىنىش بولسا، ئۆكچە يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

نەملىك ساقلاش مەلھىمىنى سۈرگەندىن كېيىن، پاختا پايپاق كىيىش ئارقىلىق پۇتنىڭ تاپىنىنىڭ ئىسسىق ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايسىز.

ھەسەل

بىر قاچا ئىلمان سۇغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ، پۇتىڭىزنى بۇ سۇغا 15 مىنۇت چىلاپ قويۇڭ. كېيىنكى قەدەمدە پۇتىڭىزنى يۇيۇشىڭىز، قۇرۇتۇشىڭىز ۋە ئۆكچىلىرىڭىزنى كۆكۈپسىمان تاش بىلەن چوتكىلىشىڭىز كېرەك.

ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى

بىر چاي قوشۇقى ھەسەلنى بىر قوشۇق زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇڭ. بۇ ئارىلاشمىنى ئۆكچىلىرىڭىزگە سۈرۈپ، 20 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ.

پىشقان بانان

پىشقان بىر باناننى ئېزىپ، مەلھەمگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۆلچىلىرىڭىزنى بانان مەلھىمى بىلەن ئۇۋۇلاڭ.

ئەگەر مۇمكىن بولسا، بانان مەلھىمىنى پۇتىڭىزدا 5-10 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ.

ئاندىن پۇتىڭىزنى ئىلمان سۇ بىلەن تازىلاڭ. ئاخىرىدا، پۇتىڭىزنى يەنە سوغۇق سۇدا 5-10 مىنۇتتەك تۇرغۇزۇڭ.

گۈرۈچ ئۇنى

گۈرۈچ ئۇنىنى ئۆكچىڭىزدىكى ئۆلۈك تېرىگە سۈرۈش ئارقىلىق ئۆكچە يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

 ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1 ئالقان گۈرۈچ ئۇنى بىلەن بىر نەچچە چاي قوشۇقى ھەسەل ۋە ئالما سىركىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، چاپلاققا ئايلاندۇرۇڭ. پۇتىڭىزنى ئىلمان سۇغا 10-15 مىنۇت چىلاڭ، ئاندىن قۇرۇتۇڭ. ئاخىرىدا، ئۆزىڭىز تەييارلىغان چاپلاق بىلەن پۇتىڭىزنى ئۇۋۇلاڭ.

سۈرگە تۇز

سۈرگە تۇزنى بىر چېلەك ئىلمان سۇغا تاشلاڭ ۋە پۇتىڭىزنى بۇ سۇدا كەم دېگەندە 10 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ. ئاندىن يۇمشىغان ئۆكچىلىرىڭىزنى كۆپۈكسىمان تاش بىلەن ئۇۋۇلاڭ. ئاندىن يەنە پۇتىڭىزنى  سۈرگە تۇز بىلەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇڭ.

ئاخىرىدا، پۇتۇڭىزنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇڭ ۋە ئۆكچىڭىزگە نەملەندۈرگۈچ سۈرۈڭ.

گۈل سۈيى ۋە گلىتسېرىن

گلىتسېرىن بىلەن گۈل سۈيىنى ئوخشاش مىقداردا ئارىلاشتۇرۇڭ. بۇ ئارىلاشمىنى كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆكچىلىرىڭىز ۋە پۇتلىرىڭىزغا سۈرۈڭ، ئاخىرىدا پۇتلىرىڭىزغا پايپاق كىيىپ، شۇ پېتى ئۇخلاڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر