كۆك قان تومۇر ئۆسمىسىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 52

1874481
كۆك قان تومۇر ئۆسمىسىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

كۆك قان تومۇر ئۆسمىسىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

كۆك قان تومۇر ئۆسمىسى دەۋرىمىزدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئېستېتىك جەھەتتىن ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر.

كۆك قان تومۇر ئۆسمىسى نۇرغۇن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان قان تومۇر كېسەللىكىدۇر.

كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسىنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

 ئالما سىركىسى

بىر پارچە پاختا رەختنى ئالما سىركىسىدە ھۆل قىلىپ، كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسى بار رايوندا ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئالما سىركىسىگە چىلانغان پارچە رەختنى كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسى بار رايونغا ئوراپ، 30 - 35 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ. بۇ ئەسنادا پۇتىڭىزنى بەدەن سەۋىيەسىدىن يۇقىرىغا ئۇزارتىڭ. بۇ شەكىلدە 10-15 مىنۇت كۈتۈڭ.

بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى كۈندە ئىككى قېتىم، ئۇدا 5 ھەپتە داۋاملاشتۇرۇڭ.

چۆل يالپۇزى

تومۇرلاردا شەكىللەنگەن ياللۇغنى ئازايتىپ، بۇ باسقۇچنى كونترول ئاستىغا ئالىدۇ ۋە ياللۇغنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ.

ئېسكۇلۇس مېيى

ئېسكۇلۇسنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بار. كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان ئايلىنىش مەسىلىلىرى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئېسكۇلۇس مېيىنى كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسى بار رايونغا چاپلاپ، قان تومۇر ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، ياللۇغ ۋە ئاغرىقنىمۇ ئازايتالايسىز. كۆك قان تومۇر ئۆسمىسىنى داۋالاشتا تەۋسىيە قلىشقا بولىدىغان بىردىنبىر ئۆسۈملۈك مېيى ئېسكۇلۇس مېيىدۇر.

ئېچىناسېيە 

چايدەك تەييارلىنىپ، ئىچىلىدۇ

ياۋروپا كەرەپشىسى سۈيى

بىر ئىستاكان قايناق سۇغا بىر قوشۇق يېڭى ياۋروپا كەرەپشىسىنى سېلىپ، 15 مىنۇت دەملەڭ. ئارىلاشمىنى سۈزۈپ، ئاچ قورساققا ئەتىگەندە بىر ئىستاكان، چۈشتىن كېيىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ.

 

ھامامېلىس دەرىخى

تەبىئىي ھامامېلىس چېيىنىڭ، سۇلۇق ئىششىقنى پەسەيتىش ۋە قان ئايلىنىشقا ياردەمچى بولىدىغان سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيەتلىرى بار. قان تومۇرلىرىنى كونترول قىلىش رولى سايىسىدا قىل قان تومۇرلىرىڭىزنى كۈچەيتىدۇ ۋە قاننىڭ قايتىپ كېلىشىگە قۇلايلىق بولغان كلاپانلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بىر  چاي قوشۇقى ھامامېلىسنى بىر ئىستاكان قايناق سۇغا سېلىپ، 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە دەملەڭ. بۇ چاينى ئۇدا 3 ھەپتە كۈندە 2 قېتىم ئىچىڭ.

پادۇب ئۆسۈملۈكى

بۇ ئۆسۈملۈك، تومۇرلاردىكى ئىششىقنى پەسەيتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇرلارنى كۈچەيتىش ۋە چىڭىتىشقا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، كۈنىگە كەم دېگەندە 100 مىللىگىرام ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

تەركىبىدە فلاۋونوئىد بار يېمەكلىكلەر

تەركىبىدە فلاۋونوئىد بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىنغاندا، تومۇرلار كۈچىيىدۇ، ئەتراپتىكى توقۇلمىلاردا شەكىللىنىدىغان ياللۇغ تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسى بار ئادەمدە كۆك قان تومۇر ئۆسمۈسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋالى يامانلىشىش زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

مېۋە - چىۋىلەردىن، سېترىس مېۋىلىرى، قىزىل ئۈزۈم فالاۋونوئىدنىڭ مەنبەسىدۇر.

كۆكتاتلاردىن، بولۇپمۇ قىزىل يېسىۋىلەكنىڭ، ئىچىملىكلەردىن يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە فلاۋونوئىد باردۇر.

قىزىل يېسىۋىلەك

قىزىل يېسىۋىلەكنىڭ يوپۇرمىقى قاينىتىلىدۇ،  سۇ سوۋۇغاندىن كېيىن، كۆك قان تومۇر ئۆسمىسى بار پۇتقا سۈرۈلىدۇ.

زەنجىۋىل

زەنجىۋىل، «ياللۇغ قايتۇرغۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، زەنجىۋىل جەۋھىرىنى كۆك قان تومۇر ئۆسمىسى بار تومۇرغا سۈرگەندە، قان ئايلىنىشنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

سامساق

سامساق ياللۇغنى يوقىتىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر. ئېزىلگەن ئۈچ چىش سامساق ۋە بىر نەچچە تامچە لىمون، كۆك قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ رەڭگىنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

روزېمارىيە

روزېمارىيەنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىش رولى بار. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنى كۆك قان تومۇر ئۆسمىسىگە چاپلىغاندا ھەم ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ھەم تومۇرنىڭ ئىششىقىنى ئازايتىدۇ.

قىرىقبوغۇم ۋە چۇپۇرشاڭ چېيى

1 ئىستاكان قايناق سۇغا 1 ھەسەل قوشۇقى قىرىقبوغۇمنى سېلىپ، قاپىقىنى يېپىپ، تۆۋەن ئوتتا 3 مىنۇت قاينىتىڭ.

قايناق سۇغا بىر چىمدىم (5-6 گرام) قىرىقبوغۇم سېلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا قاپىقىنى يېپىپ، 3 مىنۇت قاينىتىڭ.  قىرىقبوغۇم چېيىنى سۈزۈپ، ئەتىگەندە ناشتىدىن 2 سائەت كېيىن، 1 ئىستاكان ئىچىڭ.

قىرىقبوغۇم چېيى، تومۇرلاردىكى قان ئايلىنىشنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە قىل قان تومۇرلىرىنى كۈچەيتىپ، ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

چۇپۇرشاڭ چېيىنىمۇ يۇقىرقى ئۇسۇلدا تەييارلاپ، كەچلىك تاماقتىن 2 سائەت كېيىن، 1 ئىستاكان ئىچىڭ.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە قىرىقبوغۇم چېيىنى 1 ئىستاكان،  كەچتە چۇپۇرشاڭ  چېيىنى 1 ئىستاكان ئىچىشنى ئۇدا بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇڭ.

1 ئايدىن كېيىن، 2 ھەپتە ئىچمەڭ. ئاندىن ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنە 1 ئاي داۋاملاشتۇرۇڭ.

بۇ چاينى يەنە ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغدىنىش سۈپىتىدىمۇ ئىچىشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر