پۇت پۇرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 50

1868567
پۇت پۇرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

پۇت پۇرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

پۇت پۇرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

لىمون سۈيى

پۇتنى ئاسراش ئۈچۈن ئۆزىڭىز تاللىغان چېلەككە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى قۇيۇڭ ۋە ئىسسىق سۇ قوشۇڭ. پۇتىڭىزنى بۇ سۇغا 20 مىنۇت چىلاپ قويۇڭ.

لىمون پوستى

دائىم پاكىز پۇتنى لىمون پوستى بىلەن سۈرتسىڭىز، پۇت پۇراش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايسىز.

سۈرگە تۇز

بىر چېلەككە 1 قوشۇق سۈرگە تۇز قۇيۇپ، ئازراق قىزىق سۇ ئىلاۋە قىلىڭ. پۇتىڭىز بۇ سۇدا 30 مىنۇت تۇرسۇن. ئاندىن لۆڭگە بىلەن قۇرۇتۇڭ ۋە نەمدەڭ.

ئۇپا

ئۇپا پۇت پۇراشقا ئىنتايىن پايدىلىق تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پۇتنىڭ تەرلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇپا،  پۇتنىڭ قىزىرىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ پۇت ساغلاملىقىغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پايدىلىقتۇر. ئۇ يەنە پۇتنىڭ نەملىنىشى ۋە ۋە پۇرۇشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۈچ خىل ماي ئارىلاشمىسى

• ئۇستىقۇددۇس ئۇچۇشچان مېيى،

• چاي دەرىخى ئۇچۇشچان مېيى،

• ئېۋكالىپت ئۇچۇشچان مېيىدىن 10 تامچە بىر چېلەككە تېمىتىڭ. چېلەككە ئىلمان سۇ ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ئارىلاشتۇرۇڭ. پۇتىڭىزنى بۇ سۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ.

قارا ياكى يېشىل چاي

بىر چېلەككە 2 ئىستاكان دەملەنگەن چاي قۇيۇڭ ۋە ئازراق ئىلمان سۇ ئىلاۋە قىلىڭ. پۇتىڭىزنى بۇ سۇغا 20 مىنۇتتەك چىلاپ قويۇڭ.

سۇلۇ يارمىسى

سۇغا چىلانغان يېڭى سۇلۇ يارمىسى بىلەن پۇتىڭىزنى سۈرتۈڭ. يۇغاندىن كېيىن مۇۋاپىق نەملەشتۈرگۈچ ئىشلىتىڭ.

سىركىلىق سۇ

سىركىلىق سۇ ئارىلاشمىسى ئۈچۈن، 2 ئىستاكان ئالما سىركىسىنى 1 لىتىر سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پۇتىڭىزنى بۇ سۇغا چىلاپ قويۇڭ.

كاربونات

كاربوناتنىڭ ئۈنۈمى ئۈچۈن، چېلەككە 1 لىتىر سۇ ئىلاۋە قىلىڭ ۋە سۇغا 1 بولاق كاربونات قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇڭ.

ياڭاق يوپۇرمىقى

2 قوشۇق قۇرۇتۇلغان ياڭاق يوپۇرمىقىنى 2 لىتىر سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، ئازراق سوۋۇشىنى كۈتۈڭ. پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا يېرىم سائەت چىلاپ قويۇڭ. بۇ ئارىلاشمىنى چوقۇم يېڭى تەييارلاش كېرەك.

ئۈنۈمنى دەرھال كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇدا 7 كۈن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇنى 2 كۈندە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ. ئاندىن ئۇنى بىر ئاي بويىچە ھەپتىدە ئۈچ كۈنگە قىسقارتىمىز.

چۆل يالپۇزى ۋە پىننە

2 لىتىر سۇدا 1 قوشۇق چۆل يالپۇزىنى دەملەڭ ۋەبىر قوشۇق پىننە ئىلاۋە قىلىڭ. ئەگەر پۇتىڭىز بۇ سۇدا 15 مىنۇت تۇرسا، پۇراق يوقىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ھەر كۈنى كەچتە ياكى ھەپتىدە 4 قېتىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.

ھىندى خېنىسى

قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن خېنە مەدەنىيىتى، پۇت ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈنۈملۈكتۇر.

تۇز

بىر داسقا پۇتىڭىزنى چۆكۈرگۈدەك ئىسسىق سۇ ۋە تۇز قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇڭ، پۇتىڭىزنى بۇ سۇغا  چىلاڭ، ئاندىن يۇيۇڭ. بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئۇچۇشچان ماي ئارىلاشمىسى

8 تامچە تېببىي پىننە مېيى، 8 تامچە چۆل رەيھىنى ئۇچۇشچان مېيى ۋە 1 قوشۇق تاش تۇزنى 1 داس ئىلمان سۇغا قۇيۇپ، پۇتىڭىزنى سۇدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇڭ.

مەلھەم تەييارلاش ئۇسۇلى

• 12 تامچە ئېۋكالىپت ئۇچۇشچان مېيى،

• 1 چاي قوشۇقى بۇغداي ئۇرۇقى مېيى،

• 1 چاي قوشۇقى زەيتۇن يېغى،

• 1 قوشۇق بادام يېغى.

بارلىق ماتېرىياللارنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدە قېنىق رەڭلىك ئەينەك شېشىگە تولدۇرۇپ، سىلكىڭ. بۇ مەلھەمنى ھەپتىدە 3 كۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىڭىزغا سۈرۈڭ.

كەشىڭىزنىڭ ئىچىگە مىنېرال سۇ قۇيۇپ، بىر كۈن تۇرغۇزۇڭ. بۇ ئارقىلىق ھەم بىرلا كەشنى كىيمىگەن بولىسىز، ھەمدە مىنېرال سۇنىڭ تەسىرى پۇراقنى يوقىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر