كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر
ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساد سۈرىسى، 44 - 62 - ئايەتلەر. (ئۇنىڭغا) «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن . قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (ئاللاھقا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر[44]. ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن[45]. ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق[46]. ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر[47]. ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[48]. بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار[49]. (ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر[50]. ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ[51]. ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ[52]. بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر[53]. بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ[54]. بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر[55]. ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي![56] بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان ـ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن[57]. يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار[58]. (ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر». (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) «ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر»[59]. ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»[60] ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ[61]. ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟[62]