ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى

رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى قۇللارغا بەرمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟

1604682
ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 65 – 72 - ئايەتلەر. ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا (تۈرلۈك زىرائەتلەرنى) ئۈندۈردى، بۇنىڭدا (ۋەز ـ نەسىھەت) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[65]. چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق ـ تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز[66]. (سىلەر ئۈچۈن يەنە بۇنداق ئىبرەتمۇ باركى) خورمىدىن، ئۈزۈمدىن شارابلار ۋە پاكىز يېمەكلىكلەر ياسايسىلەر، ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار[67]. پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن[68]. ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر (يەنى گۈل ـ چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن». ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار[69]. ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ يامان (يەنى ئەڭ قېرىلىق) باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا (بىر نەرسىلەرنى) بىلگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ (يەنى ئىلگىرى بىلىدىغانلىرىنى ئۇنتۇپ، كۈچ ـ قۇۋۋىتى تۈگەپ، ئەقلى كېمىيىپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتنى باشقۇرۇشنى) بىلگۈچىدۇر، (ئۆزى ئىرادە قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا) قادىردۇر[70]. ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى قۇللارغا بەرمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟[71] ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا (يەنى بۇتلارغا) ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟[72]  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر