ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ

ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز - ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ.

1303169
ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ

ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەئراف سۈرىسى، 38 – 43 – ئايەتلەر.  ئاللاھ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: ‹‹سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار››. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ[38]. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: ‹‹سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋە ئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر ـ بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار›› دەيدۇ[39]. شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[40]. دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[41]. ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز - ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ[42]. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى›› دەيدۇ، ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)[43].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر