ئىسرائىلىيەنىڭ يوقاتقان قانۇنىي سالاھىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (23)

2150050
ئىسرائىلىيەنىڭ يوقاتقان قانۇنىي سالاھىيىتى

ئىسرائىلىيەنىڭ يوقاتقان قانۇنىي سالاھىيىتى

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرىكتورى پىروفېسسور دوكتور مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىسرائىلىيەنىڭ يوقاتقان قانۇنىي سالاھىيىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يېڭى بىر يەكلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويماقتا. بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللايدىغان ھېرچ بىر دۆلەت قالمىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە دۇنيا ۋە رايون مىقياسىدا پۈتۈنلەي يېتىم قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيەنى ھەرگىزمۇ تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرمەيدۇ. 7- ئۆكتەبىردىن كېيىنكى ئاتالمىش ​​بىخەتەرلىك ئۈچۈن % 70 ى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار دىن تەشكىل تاپقان 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننى قىرغىن قىلغان ئىسرائىلىيە، ئۆزلىرى سەۋەب بولغان ئاقىۋەتلەر بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىدىغان يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويماقتا. بۇ يۈزلىشىش جەريانى پەقەت ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈنمۇ چوڭقۇر بىخەتەرلىك كرىزىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەگەر نېتانىياھۇ ھۆكۈمىتى غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدىغان بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك كرىزىسىنى تۈزىتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ھالغا كېلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھاياتىي مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق.

7 – ئۆكتەبىردىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنىڭ ئاساسى پۈتۈنلەي يوقالدى. ئىسرائىلىيە ئىشغالچى بىر كۈچ بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق گۇماندارى سۈپىتىدە سوتلانغان، دۆلەت  رەھبەرلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشقا بۇيرۇلغان، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋە خەلقئارالىق دىپلوماتىيەدە يالغۇز قالغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ يالغۇزلىشىش ۋە يېتىم قىلىش ھالىتى ئىككى مۇھىم نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. قانۇنلۇقلۇق سالاھىيىتىنى يوقىتىش ۋە چوڭقۇرلاشقان بىخەتەرلىك كرىزىسى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك كرىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان ۋە ئۇنى بىر خىل مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە ئايلاندۇرغان بىرىنچى مەسىلىسى، نېتانىياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن تەركىب تاپقان ۋەھشىيلىكىدۇر. بۇ  نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە قىلىۋاتقىنى ئادەتتىكىچە ئۇرۇش ئەمەس. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە قىلىۋاتقانلىرىغا ئۇرۇش دەپ ئېنىقلىما بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىپ تاپقان غەززە خەلقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. ئۇسۇل سۈپىتىدە قوللانغان بارلىق قوراللار ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كەتتى. قەستەنلىك بىلەن مەلۇم ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىنى پىلانلىق ھالدا يوقۇتۇش مەقسىتىگە خىزمەت قىلماقتا. ئەڭ ئاخرىدا ئىسرائىلىيە «بىخەتەر رايون» دەپ تەسۋىرلىگەن رافاھتىكى پۇقرالار ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىنى بومباردىمان قىلىشى خەلقئارا قانۇن جەھەتتە قەستەن ۋە خالاپ تۇرۇپ قىلغان بىر قىلمىشتۇر.  قىسقىسى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش ​​ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش جىنايىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولدى.

بۇ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ئالدىدا قانۇنلۇق سالاھىيىتى چوڭقۇر كرىزىسقا دۇچ كەلدى. خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا جەنۇبىي ئافرىقا سۇنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسى دائىرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر ئاللىبۇرۇن ئىسرائىلىيەنى ئىرقىي قىرغىنچى بىر دۆلەت ئورنىغا چۇشۇرۇپ قويدى. سوتنىڭ قارارىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى ئۆزىنىڭ تارىخىي توقۇلمىلىرى ئارقىلىق قۇرغان دۆلەت كىملىكى توغرىسىدىكى دۇنياۋى باياننامىلىرىنىمۇ بۇزۇپ تاشلىدى. خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا قوشۇمچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە سوت قىلىش قارارى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ خەلقئارا قانۇن سېپىدە ئىسرائىلىيە دۇچ كەلگەن يەنە بىر خىرىس بولدى. بۇ قارار بىلەن تەڭ ئىسرائىلىيە ھەم ب د ت نىڭ نەزىرىدە ھەم  ب د ت سىرتىدا ئىككى سوت جەريانىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى قانۇنلۇق  سالاھىيەت كرىزىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت كرىزىسى ئۇنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن خەلقئارا قانۇندىكى قانۇنسىز ئىرقىي قىرغىنچى دۆلەت دەپ ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەنلىكى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. دۇنيا ۋە رايون مىقياسىدا ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە  جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇلغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. گەرچە 7-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئىبراھىم كېلىشىمى بىلەن رايوندىكى يالغۇزلۇقىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن رايوندىكى نورماللىشىش ئاخىرلاشتى. ئىسرائىلىيە قايتىدىن دىپلوماتىيە جەھەتتىن يەنە يالغۇز قالدى. بۇ مەزگىلدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، پەلەستىن ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشقا باشلىدى. ئاخىرىدا  ئىسپانىيە، ئېرلاندىيە ۋە نورۋېگىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە سېپىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ ئېنىق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى بولدى. شۇنداق قىلىپ، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر سانى 142 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە سېپىدىكى يالغۇزلۇقىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا خەلقئارا تەشكىلاتلاردۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئىسرائىلىيە نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ، بولۇپمۇ ب د ت نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىننىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان يېڭى قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى تاشلانغان ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بىر قەدەم بولدى. گەرچە بۇ قارار بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېخى ماقۇللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىمۋوللۇق نۇقتىسىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولدى. نۇرغۇنلىغان رايونلۇق تەشكىلاتلارمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە قارشى قاتتىق باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا قانۇن سېپىدە قانۇنىيلىق نۇقتىسىدىن ۋە خەلقئارا سىياسەت سېپىدە دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن قانۇنۇنلۇق سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىسرائىلىيە يەرشارى خاراكتېرلىق ئىنسانىيەت ۋىجدانىدىمۇ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ پايتەختلىرى قاتارلىق دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن كەڭ كۆلەملىك ناررازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان نۇرغۇن شىركەتلەرمۇ بايقۇت قىلىنماقتا. گەرچە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى قوش ئۆلچەملەر ئەركىنلىك مۇھىتىنى ئىسرائىلىيەگە پايدىلىق قىلىپ چەكلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنىڭ ئاللىقاچان ۋىجدانلاردا سوتقا تارتىلىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. بۇ نامايىش دولقۇنى يېقىنقى 20 يىلدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ كەڭ كۆلىملىك نامايىشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

نەتىجىدە، ئىسرائىلىيە چوڭقۇر بىر قانۇنلۇق سالاھىيەت كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم.  بۇ كرىزىس ھەم قانۇنىي جەھەتتە، ھەم خەلقئارا دىپلوماتىيە ئۆلچىمى جەھەتتە، ھەمدە يەر شارى خاراكتېرلىق ئىنسانىيەت ۋىجدانى ئۆلچىمى جەھەتتە كۆرۈلمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تولىمۇ مۈشكۈل، چۈنكى غەززەدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر