ئەنۋەر پاشانىڭ قىسقىچە ھاياتى

«ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يېتىشكەن، ئوسمانلى دۆلىتى ۋە تۈركلەرنى مۇستەقىللىققە ئېرىشتۈرۈشنى بۇرچى دەپ بىلگەن ھەربىي زات پاشا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز..

2149402
ئەنۋەر پاشانىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئەنۋەر پاشانىڭ قىسقىچە ھاياتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھەقىقىي ئىسمى ئىسمائىل ئەنۋەر بولغان ئەنۋەر پاشا، ئىستانبۇل دىۋان  يولى رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، موناستىرلى سۇررە ئەمىنى ئەخمەت ئەپەندى بىلەن ئائىشە خانىمنىڭ بەش پەرزەنتىنىڭ چوڭى ئىدى. ئۇ گېرمان تىلىدا يېزىلغان تەرجىمىھالىدا ئۆزىنىڭ 1882-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ دىۋانيۇلۇ رايونىدىكى ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. مەكتەبى ھەربىيەئى شاھانەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە II. ئابدۇلھەمىد (1876 - 1909) كە قارشى پەيدا بولغان تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قېتىم يىلدىز ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراق قىلىنغان بولسىمۇ، جازاغا تارتىلمىدى. ئەنۋەر ئەپەندى 1908-يىلىدىكى مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىش كۈرىشىدە باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. ئۇ، موناستىر ئەتراپىدىكى تاغقا چىقىپ، II. ئابدۇلھەمىتكە قارشى ئىسيان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ قالدى. بۇ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈرەشلەر تۈپەيلىدىن، ئىستانبۇلدا مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنغاندا، ئۇ «ئەركىنلىك قەھرىمانى» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئوسمانلى ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ ھەربىي قانىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەخسلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

 ئەنۋەر ئەپەندى 1909-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى يىلدىن كۆپرەك بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىدى. ئۇ ئىتالىيەلىكلەر تىرابلۇسغەرب (تىرىپولى)قا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى. 1911-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سەلانىكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىتالىيەلىكلەرگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پادىشاھ ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، 1911-يىلى 10-ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىن ئىسكەندەرىيەگە قاراپ يولغا چىققان ئەنۋەر ئەپەندى، مىسىر، بىنغازى ۋە توبروكتا ئەرەب رەھبەرلىرى بىلەن ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى ۋە 1911-يىلى 1-دېكابىر ئەينۇلمەنسۇردا ھەربىي گازارمىسىنى قۇردى. ئۇ تىرابلۇسغەربتىكى ئىتالىيەلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش يىللىرى شۆھرەت قازىنىشى ۋە يەرلىك خەلق ئارىسىدا تونۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

كۈچلۈك تەنقىدلەشلەرگە قارىماي، مەيلى ئامما ئارىسىدىكى يۇقىرى ئىناۋىتى بولسۇن، مەيلى ئىتتىھاد ۋە تەرەققىينىڭ ئەمەلىي كۈچى سايىسىدا ياش تۇرۇپلا تېزلا ئۆسۈپ، 1914-يىلى 3-يانۋار مىرلىۋا دەرىجىسىگە ئېرىشكەن ئەنۋەر پاشا، شۇ كۈنى ئەھمەت ئىززەت پاشانىڭ ئورنىغا ھەربىي نازىرلىقى (مۇداپىئە مىنىستىرلىقى)غا تەيىنلەندى. ئەسكەرلەر ئىچىدە قەھرىمان دېگەن نام بىلەن تونۇلغان 33 ياشلىق ئىقتىدارلىق بىرىنىڭ  ھەربىي نازىر بولۇشى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ياش زىيالىيلىرىغا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقى ھەققىدە زور ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ ماكېدونىيەدە شايكىلارغا، تىرابلۇسغەربتە ئىتالىيەلىكلەرگە ۋە 1908-يىل ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىش يولىدىكى باتۇرانە تىرىشچانلىقى ياش ئوفېتسىرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ شۈكرۇ پاشا قاتارلىق مەشھۇر پاشالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 280 يۇقىرى دەرىجىلىك ئوسمانلى ئوفىتسېرىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىپ، ئارمىيەنى ياشلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ جاسارىتى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يېڭى مىسالى ئىدى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا «ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش» ئۈچۈن يارىتىلغان بىر ئەسكەر دەپ قارايتتى. ئەنۋەر پاشانىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مۇستاپا كامال، كازىم قارابەكىر، فەۋزى چاقماق، ئىسمەت ئىنۆنۈ قاتارلىق ياش ئوفېتسىرلارنىڭ ئارمىيەدىكى يولىنى داغداملاشتۇرۇپ، يۈكسىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئەنۋەر پاشا رۇسىيەدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن كاۋكاز  رايونىدا پەيدا بولغان ئوسمانلى-گېرمانىيە مەنپەئەت توقۇنۇشىدا قىلچىلىكمۇ يول قويۇشنى خالىمىدى. چۈنكى كاۋكاز رايونى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى. كاۋكاز رايونى ھەم تۇرانغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ بويىغا جايلاشقان، ھەمدە ئۇ يەردە تۈركلەر بار ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 1918-يىلى 3-، 4- ئايلاردا ھەربىيە نازىرى ئەنۋەر پاشا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ ئۇزۇن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەربىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تىرىشتى. ئۇ قوللانغان ئەڭ مۇھىم تەدبىر، كاۋكاز رايونىدىكى ئوسمانلى ئۈچىنچى ئارمىيەسىنى قايتا تەشكىللەپ كۈچەيتىش، شۇنداقلا ئۇ ئۆزى بەكلا ئىشىنىدىغان ئىنىسى نۇرى پاشانىڭ قوماندانلىقىدا كاۋكاز ئىسلام قوشۇنىنى قۇرۇش ئىدى. ئەنۋەر پاشا ئۇرۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقاندا، دۈشمەننىڭ ئانادولۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەن توپرىقىغا بېسىپ كىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتى. بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىققا  1918-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ جەنۇبىي كاۋكازدا شەكىللەندۈرگەن ھەربىي قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇشنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى»نى باشلاش ئارقىلىق قارشى تۇرۇش ۋە بۇ ھەربىي قىسىملار بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئەنۋەر پاشا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىھاتچى دوستلىرىنىڭ 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىنى 2-كۈنىگە باغلىغان كېچىدە بىر گېرمانىيە تورپېدوسى بىلەن چېگرادىن ئايرىلغاندىكى ئارزۇسى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەۋەتلا ياخشى كۆرىدىغان ۋەتىنىگە قايتىش ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەب، ئۆزلىرىنى ئادالەتسىز سوتلاردا سوتلىنىپ جازالىنىمىز، دەپ ئويلىغانلىقى ئىدى. دەرۋەقە، ئۇلار چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئىستانبۇلدا سىرتتىن سوتلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. شۇڭلاشقا ئىتتىھاتچىلار ۋەتىنىدىن «ۋاقىتلىق» ئايرىلغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلار چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدىمۇ ئانادولۇدا باشلانغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ۋە ئۇنىڭغا تۆھپە قوشماقچى بولغانىدى. بىز بۇنى ئەنۋەر پاشا ۋە باشقا ئىتتىھاتچىلارنىڭ مۇستاپا كامال پاشاغا يازغان مەكتۇپلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز.

 ئەنۋەر پاشا ۋە ئۇنىڭ باشقا ئىتتىھاتچى دوستلىرى 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سېۋاستوپولغا يېتىپ باردى. ئۇ يەردىكى گېرمانىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىتتىھاتچى مېھمانلىرىنى بېرلىنغا ئەۋەتمەكچى بولغانىدى. ئەمما، ئەنۋەر پاشا ترانكاۋكازىيەدىكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تاغىسى خەلىل پاشا بىلەن ئىنىسى نۇرى ئەپەندىنىڭ يېنىغا كېتىشنى ئويلاۋاتاتتى. ئەنۋەر پاشانىڭ تۇنجى قېتىملىق سېۋاستوپولدىن كاۋكاز رايونىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشى، قېيىقى تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ مەغلۇپ بولدى. بۇ جەرياندا، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ترانكاۋكازىيەدىكى ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، قوماندانلىق ئاپپاراتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئەنۋەر پاشا، كاۋكازغا ئەمەس، ئىستانبۇلدىن بىرلىكتە يولغا چىققان دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرلىنغا بېرىشنى قارار قىلدى. 1919-يىلى 4-ئايدا بېرلىنغا بېرىپ، بابېلسبېرگ بازىرىغا ئورۇنلاشقان پاشا، گېرمانىيەدە قايتىدىن تەشكىللىنىشكە تىرىشىۋاتقان ئىتتىھات ۋە تەرەققىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

بولشېۋىكلارنىڭ كاۋكازدىن پايدىلىنىپ نوپۇز يارىتىشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ئەنۋەر پاشا ئالدى بىلەن موسكۋاغا، ئۇ يەردىن بولشېۋىكلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جەنۇبىي كاۋكازغا بېرىشنى ئويلاۋاتاتتى. ئەنۋەر پاشا بېرلىندىن موسكۋاغا بېرىش ئۈچۈن، 1919-يىلى 4-ئايدىن 1920-يىلى 8-ئايغىچە تۆت قېتىم يولغا چىقىپ، توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، تۆتىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشىدا موسكۋاغا يېتىپ بارالىدى. موسكۋادىن بولشېۋىك ئىنقىلابچىلىرى رادىك ۋە زىنوۋىيېۋ بىلەن باكۇغا بارغان ئەنۋەر پاشا، ئۇ يەردە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە <بىرىنچى نۆۋەتلىك شەرق خەلقلىرى تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى>غا قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ بولشېۋىكلارنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئەنۋەر پاشا، ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرىدى، بولشېۋىكلاردىن كۈتكەنلىرىگە ئېرىشەلمىدى.

بۇ سەۋەبتىن، ئۇ تەشكىلاتى مەخسۇسەنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن قۇشچۇباشى ھاجى سامى ۋە بىر قىسىم سابىق ئىتتىھاتچىلار بىلەن بىرلىكتە باكۇدىن بۇخاراغا باردى. مەقسىتى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان باسمىچىلارنى قوللاش ئىدى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇ رۇسىيە بولشېۋىكلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. 1922-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېلجۇۋان رايونىنىڭ ئابىدەريا يېزىسىغا يېقىن چەگان تېغىدا، رۇس بولشېۋىكلىرى بىلەن توقۇنۇشۇش ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بىز ئەنۋەر پاشانىڭ ھاياتىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرىدە ئىككى ئاساسلىق نىشان بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىنچىسى، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش. بىز ئەنۋەر پاشانىڭ بۇ ئىككى ئاساسلىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى ئىسراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۈلگىلىك بىر شەخس ئوبرازىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.

 

 

مەنبەلەر:

1. BADEMCİ, Ali, 1917-1934 Türkistan Millî İstiklâl Hareketi ve Enver Paşa, İstanbul 1975.

2. ARSLAN, Emin Şekip, Şehit Enver Paşa ve Arkadaşları, Samsun İl Matbaası, Samsun 1948

3. https://ataturkansiklopedisi.gov.tr/bilgi/enver-pasa-1882-1922/

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر